
خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەتقىقاتنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ۋەزىيەتتە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئالاھىدە كومىتېتى خىتاي رېجىمىنىڭ ئاكادېمىيە ساھەسىگە قول تىقىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە.
BBC، مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان تەپسىلىي خەۋىرىدە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە قۇل ئەمگىكى مەسىلىسى پىروفېسسورى لاۋرا مۇرفى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ بېسىمى ۋە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارشى تۆھمەت خاراكتېرلىك ئەرزى سەۋەبلىك، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىنىڭ پىروفېسسور لاۋرا مۇرفى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەييارلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى، 2025-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى يەنە پىروفېسسور لاۋرا مۇرفىغا خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خەۋەر خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشنى تەلەپ قىلغان.
تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى ئېمىلى سورنبېرى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىرغىچە ئاڭلىغانلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزغا مۇداخىلە قىلىشى بىر تەھدىت. بىز بۇنىڭ دائىرىسنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك، ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىزمەت ئورنىنى قىسقارتىشى ۋە پىروفېسسورى لاۋرا مۇرفىنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قارىتا ئەندىشىسى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئىش تاشلايدىكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-2024-ئوقۇش يىلىدا ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئوقۇغۇچى سانى تەخمىنەن 150 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار تاپشۇرغان نەچچە مىليارد فوندستېرلىڭلىق ئوقۇش پۇلى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولۇپ قالغان. پىروفېسسور مۇرفىمۇ شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى بازىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاكادېمىك ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پىروفېسسور لاۋرا مۇرفى ۋەقەسى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئالدىنقى ھەپتە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، پىروفېسسور مۇرفىنىڭ خىتايغا قارشى يالغان ئۇچۇر تارقاتقۇچى ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمنىڭ فوندى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغانىدى.