
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، خىتاي شىركەتلىرى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭنىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ كۆچمە ئالاقە تورىدىن تازىلاش پىلانىنى ئويلاشماقتا.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىن خەۋەردار شەخسلەرنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئالاقە ساھەسىدىكى خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك قانۇنىي يوللار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئاستا-ئاستا شاللىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
ھەرقايسى دۆلەتلەر تور، ئۇچۇر ئالاقە بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى جىددىي قاراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ خۇاۋېي قاتارلىق تېلېگراف شىركەتلىرى ئاساسلىق ئەندىشە ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئەزا دۆلەتلەرنى «ئالاھىدە خەتەرلىك تەمىنلىگۈچى»لەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئازايتىشقا، خۇسۇسەن 5G تورى قۇرۇلۇشىغا مەزكۇر شىركەتلەرنى قاتناشتۇرماسلىققا چاقىرغانىدى.
گەرچە شىۋېتسىيە، دانىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، يەنە بىر تۈركۈم ياۋروپا دۆلەتلىرى تەننەرخنى كۆزدە تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك چەكلەش تەدبىرى ئىجرا قىلمىغان. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ قېتىم مەجبۇرلاش تەرىقىسىدە قارار ئىجرا قىلالىسا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېلېگراف سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىكەن.