ئۈرۈمچىدە غايەت زور تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، چارلاپ تەكشۈرۈش دائىرىسىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۈرۈمچىدە يەنە غايەت زور تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدا تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك بايلىق زاپىسى 200 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان رايون بايقالغان بولۇپ، بۇ جاينىڭ چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلىك شەكىللەندۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي داۋانچىڭ رايونىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، يەتتە بۆلەكتە 15 تەكشۈرۈش قۇدۇقى بۇرغىلاشقا باشلىغان ۋە بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 قۇدۇق بۇرغىلىنىپ بولغان.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى مەزكۇر رايوننى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىش ئېلانى چىقىرىپ بولغان. خەۋەردە مەزكۇر رايوندىكى تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك بايلىق زاپىسىنىڭ 200 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى، ئەگەر تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەش بېسىمىنى كەم دېگەندە 20 يىل يېنىكلىتەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گاز، نېفىت قاتارلىق بايلىقلىرىنى توختاۋسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ جىنايەتلىرىنى ئۇتۇق، نەتىجە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھازىرغا قەدەر ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» لىنىيەسىنى تۆتكە يەتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تالان-تاراج قىلىنغان بايلىقلىرىنى خىتايغا توشۇيدىغان بۇ تۇرۇبا تورى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 66 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2025 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق