شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ئالاھىدە خاتىرىلەندى

 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىدى. جۈملىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى ۋە ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا، 12-نويابىر كەچتە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، جامائەت ئەربابلىرى، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلاندى.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سەھنىگە چىقىپ، ئۆزئارا سالاملىشىپ، خىتايغا قارشى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئارقىدىن تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ئايرىم-ئايرىم سالام سۆزى قىلدى. ئۇلاردىن سىرت يەنە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان، زەيتىنبۇرنۇ قايماقامى دوكتور ئادەم ئۇسلۇ قاتارلىق مېھمانلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

بىر تۈركۈم ياش-ئۆسمۈرلەر جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق نومۇرلىرىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، پائالىيەتنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى قىسمى باشلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىدنىڭ باشقۇرۇشىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىشىدىن ئېلىنىدىغان ساۋاقلار ھەققىدە، دوكتور ئاۋاز نۇرمۇھەممەد شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى، شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي ۋەزىيەت ھەققىدە، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا قارشى كونكرېت نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى. خاتىرىلەش مۇراسىمى پىروفېسسور دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارنىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاياغلاشتى.

دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، جۈملىدىن شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا، قەيسەرى، ئەرزىنجان قاتارلىق جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خاتىرىلەش مۇراسىمى، مۇھاكىمە يىغىنى، سۆھبەت يىغىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بۇ تارىخىي كۈننى ئالاھىدە خاتىرىلىدى.

 

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2025 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق