ئاۋسترالىيە خىتاي تەرىپىدىن خەتەرلىك تور ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى

ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئىدارىسنىڭ باشلىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە تېلېگراف سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي بۇرۇنقىدەكلا قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئىدارىسنىڭ باشلىقى مايك بۇرگېس 12-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا جاسۇسلۇق ۋە تور ھۇجۇمى قىلمىشلىرىنىڭ پەقەت 2024-يىلىدىلا ئاۋسترالىيەگە سەككىز مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى ۋە ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىككى خاككېرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ نامىنى ئېنىق تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى ۋە ھەربىي ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مايك بۇرگېس بۇ ھەقتە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ خاككېرلىق ھۇجۇملىرى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلانغان تەقدىردە، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا، جۈملىدىن بانكا، قاتناش، سۇ-توك تەمىنلەش سىستېمىلىرىغىچە كەڭ كۆلەملىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئاۋسترالىيەنىڭ شىركەتلىرىنى پالەچ قىلىپ قويۇش، سايلامنى قالايمىقان قىلىشقىچە كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭ پەرەز خاراكتېرلىك سۆزلەر ئەمەسلىكىنى، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى ئارقىلىق، بۇ خىل ئېھتىماللىقنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر ئاۋسترالىيە ئەمەلدارىنىڭ بۇ يىل مابەينىدە خىتايغا كۆپ قېتىم قارا سۈركەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى، قەستەن تىركىشىۋاتقانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ئاۋسترالىيە ئەمەلدارىنى مەسئۇلىيەتسىز سۆز قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 61 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2025 09:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق