
ئەرزىنجان بىنالى يىلدىرىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى بولغان ئىدېئال قانۇن كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا ئونلىغان ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبىنىڭ قوللىشى بىلەن، 12-نويابىر كەچتە ئەرزىنجان مۇپتىلىقىنىڭ يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تۈركچە بۆلۈمى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىياتى ۋە يىقىلىشىغا ئالاقىدار تارىخىي تەپسىلاتلارنى، جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستانغا ئاتالغان بىر نەچچە شېئىر ئوقۇلغاندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى رەئىسى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ نېمىش قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئاخىردا ئەرزىنجان مۇئاۋىن مۇپتىسى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرتقا ھەدىيە تەقدىم قىلدى.
ئوخشاش كۈندە يەنە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مۇدىرى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەرەب تىلىدىكى «قانال-9» نىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئاتالغان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، بۇ ئالاھىدە كۈننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتتى.



