ياپونىيە باش ۋەزىرى ئالمىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى

ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپلا، ئۇنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلىرى ۋە بىر خىتاي كونسۇلىنىڭ چەكتىن ئاشقان تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن يىرىكلەشتۈردى.

خىتايغا قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان يېڭى باش ۋەزىر تاكائىچى سانائې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، شى جىنپىڭ بىلەن ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى كورېيەدە كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئالغانىدى. ئۇ 7-نويابىر يەنە پارلامېنتتا تەيۋەن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەيۋەنگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ياپونىيەگە ھايات-ماماتلىق خەۋپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بۇ بايانلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەتىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى بىر كونسۇلىنىڭ تەھدىت ئارىلاشقان ھاكاۋۇرلارچە سۆزلىرى ياپونىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

خىتاينىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى شۆ جيەن ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلىرىدىن كېيىنلا X ھېسابىدا: «ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېسىپ كىرگەن مەينەت باشنى ئىككىلەنمەستىن كېسىپ تاشلاش كېرەك» دەپ ھاكاۋۇرلارچە بىلجىرلىغان. گەرچە ئۇ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن بۇ يازمىسىنى ئۆچۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ياپونىيە جەمئىيىتى ۋە سىياسىي سەھنىسىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

ياپونىيە تەرەپ خىتاي ئەلچىسىنى جىددىي چاقىرتىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، خىتايمۇ بېيجىڭدا ياپونىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئوساكا باش كونسۇلىنىڭ بايانلىرىغا چۈشەنچە بەرمەستىن، ئەكسىچە ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوساكا باش كونسۇلى شۆ جيەننىڭ سۆزلىرى ياپونىيەدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى جىددىي قارار ماقۇللاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن شۆ جيەننى ياپونىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.ىت

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسىدە خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىي بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى باش ۋەزىر تاكائىچى سانائېنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، خىتايغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 83 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2025 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق