
خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 12-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «بىر مىنىستىرلىق، ئىككى ئىدارىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى» نامىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاشنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى، مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلار، دىۋىزىيە ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.
خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى گۈەن جىئوۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى»نىڭ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يىرىك پىلان ئارقىلىق ياردەم بېرىش»نى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش»نى كۈچەيتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يېڭى ئىجراچىسى چېن شياۋجياڭمۇ سۆز قىلىپ، گېئولوگىيەلىك چارلاشنى يۇقىرى سالماقتا ئالغا سىلجىتىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقى، ئاتالمىش «ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار»غا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ پەردازلانغان بۇ ئىبارىلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، خىتاي ئاققۇنلىرىنى «ئىختىساسلىقلار» نامىدا تۈركۈملەپ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش جىنايەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.
خىتاينىڭ چارلاش، بۇرغىلاشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشى، تېزلىتىشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك قېزىلما بايلىق زاپىسى ئارقا-ئارقىدىن بايقىلىۋاتقان بولۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋاملاشماقتا.