
ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستاندا بىر تۈركۈم پۇقرالار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈردى. قازاقىستان دائىرىلىرى 12 كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، يەنە ئالتە كىشىگە جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، 14-نويابىر بىر تۈركۈم قازاقىستان خەلقى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنى باستۇرغانلىقىنى، قازاقىستاندا كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار نامايىش جەرياندا خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاش بىلەن بىرگە، خىتاي بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈرۈپ، كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر نامايىش ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى چىقىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرىكى بولمىغان بىر قازاقىستان پۇقراسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش ئىكەن.
نامايىشچىلار: «بىز خىتاينىڭ كېڭىيىشى ۋە زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاندۇق، خىتاي بايرىقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆيدۈردۇق... خىتايلار بۇ يەرلەرنى سېتىۋالدى ۋە داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ باياناتىدا بولسا: «13-نويابىر رۇخسەتسىز يىغىلىش تارقاقلاشتۇرۇلدى. قاتناشقۇچىلار چەت ئەل بايرىقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلدى» دېيىلگەن. رايون ساقچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوت باشلىنىشتىن بۇرۇن 12 ئادەم 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، يەنە ئالتە كىشىگە جەرىمانە قويۇلغان. ساقچىلار ئۇلارغا قارىتا «ئۆچمەنلىك قوزغاش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈش باشلىغان.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بارلىق ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشلىرى يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبلىك خىتايغا قارشى نامايىشلار، چاقىرىقلار پات-پات ئوتتۇرىغا چىقماقتا.