
پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى ئاقساراينىڭ بىر باياناتىغا ئاساسەن، ئەلىبابا شىركىتىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكىنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەلىبابا شىركىتى بولسا «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرى پۈتۈنلەي يالغان» دەپ رەت قىلدى ۋە خەۋەردە مەنبە كۆرسىتىلگەن ئاقساراي ھۆججىتىنى «جامائەتچىلىكنى قايمۇقتۇرىدىغان يامان غەرەزلىك ھەرىكەت» دېدى.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 15-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئەلىبابا شىركىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ IP ئادرېسلىرى، سىمسىز تور ئۇچۇرلىرى ۋە پۇل تۆلەش خاتىرىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتاي رېجىمىغا ۋە خىتاي ئارمىيەسىگە بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈنئىي ئەقىلگە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەلىبابا گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خەۋەردىكى قاراشلار ۋە ئىشارەتلەر پۈتۈنلەي خاتا» دېگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئەلىبابا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي باھاسى %4.2 چۈشۈپ كەتكەن. ئاقساراي ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرگە قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلىنار «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى»گە ئەلىبابا ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ مەزكۇر كومىتېت ئۇزۇندىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەندىشىلەرنى دەلىللەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي رېجىمى بېكىتكەن قانۇن-نىزاملارغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، جون مۇلىنارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتىدىن ئەلىبابا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 خىتاي شىركىتىنىڭ تىجارىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق بولۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.