سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇردى

سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 400 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەمما سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالاقىدار خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى 17-نويابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە نامسىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى خىتايدا زىيارەت بولۇۋاتقان مەزگىلدە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 400 ئۇيغۇر جەڭچىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى ۋە سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىگە توغرا كېلىشى سەۋەبلىك، خەلقئارادا، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

سۇرىيەنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى «سانا» قىسقا ۋاقىتتىن كېيىنلا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا شەيبانىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئۇچرىشىش داۋامىدا خىتاي-سۇرىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، شۇنداقلا: «تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولسا ب د ت تەرىپىدىن خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تونۇلغان. سۇرىيە تەرەپ ھېچقانداق بىر ئورگاننىڭ سۇرىيە زېمىنىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زەرەر يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۈگۈن بۇ ھەقتە بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار خەۋەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاي-سۇرىيە مۇناسىۋىتى ۋە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئانالىز ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ماقالىدە خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئىلگىرى مىسىر، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرغانلىقىدەك ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەندىشە ئىكەنلىكى، ئەمما بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كوللېكتىپ قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئانالىز ماقالىسىدە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىرىنچىدىن، سۇرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەد رېجىمىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ھەر خىل ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلەشمىسى ئىكەنلىكى، «زالىم ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان دىنىي قېرىنداشلار» دەپ قارالغان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن زور بىر خىيانەت دەپ قارىلىپ، ئىچكى جەھەتتىن چوڭقۇر بىر كىرىزىسقا يول ئاچىدىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن،  بىر مىللەتنى كوللېكتىپ ھالدا قايتۇرۇپ بېرىش سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە، قاتار قاتارلىق رايونلۇق ئىتتىپاقداشلار، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكى، تارىخىي ۋە مىللىي باغلىنىشلىرى سەۋەبىدىن، ئۆز ئىتتىپاقدىشى بولغان يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە كۆز يۇمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ئەنقەرەنىڭ بۇ مەسىلىدە دەمەشققە جىددىي بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار تەكىتلەندى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە بىر نەچچە خىل سېنارىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى يەنىلا پۈتۈنلەي بىخەتەر دەپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن تۈركىيە قاتارلىق رايونلۇق ئىتتىپاقداشلارنىڭ سىياسىي بېسىمى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدىغان سۇرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈل سىناق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ خەۋەر 4843 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2025 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق