
ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 16-نويابىر ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى قويۇلۇپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقىرىلدى. ئارقىدىن ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ۋە باشقا پائالىيەتچىلەر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن سىرت، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، ئىشغالىيىتىگە قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.