8-قېتىملىق ئۇيغۇر ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 8-قېتىملىق ئۇيغۇر ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 15-نويابىر ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبىئىي پەن، ئىنژېنېرلىق، مېدىتسىنا، تارىخ، ئەدەبىيات، مائارىپ، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچە سەككىز ياش تەتقىقاتچى تەتقىقات تېمىلىرىنى سۇندى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە مۇزاكىرە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، نەتىجىلىك كەسىپ ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى، تەتقىقات ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى، تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئاخىردا ئەڭ ياخشى سۇنۇلغان ئىلمىي ئەسەرلەر تەقدىرلەندى.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاسپىرانتلار، تەتقىقاتچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي ئالاقە ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان.

 

بۇ خەۋەر 62 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2025 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق