
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ۋە زور ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، خىتاي ئالدىنقى يىللاردا زور تۈركۈمدە ساياھەت نۇقتىلىرى قۇرۇپ چىققانىدى. يېقىندا خىتاي يەنە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغان مەخسۇس مۇكاپات تەسىس قىلغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى» يېقىندا «2025-يىللىق چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش مەخسۇس تۈر مۇكاپات تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، بىر مىليون يۈەن قىممىتىدىكى مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلغانلىقىنى، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خەۋەردە مۇكاپات تولۇقلىمىسى ئوبيېكتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلىك كارخانىلىرى ئىكەنلىكى، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سانى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇلارنى يۆلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»گە ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە چەت ئەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ 2 مىليون 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.06 كۆپەيگەنلىكى، خەلقئارا ساياھەت كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.55 ئېشىپ، 13 مىليارد 485 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ تونۇلماقتا. بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، كۆپلىگەن چاقىرىقلار ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، 189 خەلقئارالىق مېھمانخانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقى، مېھمانخانا سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولغانلىقى، 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بارغان تەخمىنەن 300 مىليون ساياھەتچىنىڭ 5 مىليونى چەت ئەللىك ساياھەتچى ئىكەنلىكى، بۇ سان 2023-يىلىدىكىدىن %50 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.