خىتاي جاسۇسلىرى ساختا سالاھىيەت بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتىنى نىشانلىغان

 ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى خىتاينىڭ بىر قىسىم ۋاسىتىلەر بىلەن، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارلامېنتتىكى باشقا خادىملار بىلەن يېقىنلىشىشقا، قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 18-نويابىر ئېلان قىلغان جاسۇسلۇق ئاگاھلاندۇرۇشىدا، خىتاينىڭ تاشقى ئىستىخبارات ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، سىياسىي مەسلىھەتچىلەر، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئەقىل ئامبىرى خادىملىرىنى مەخپىي نىشانلاپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ LinkedIn قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا خىزمەت ۋاسىتىچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ۋە ساختا شىركەتلەر ئارقىلىق خىتاي رېجىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي جاسۇسلىرى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، كۆپىنچە ئەھۋالدا نىشانلانغان شەخسلەرنى مۇستەقىل ئانالىزچى سۈپىتىدە گېئوپولىتىكىلىق دوكلاتلارنى يېزىشقا تەكلىپ قىلىش، خىزمەت تەكلىپى سۇنۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. ئۇلار ئادەتتە خىتايدىكى شەخسلەر بولۇپ، نىشانلانغانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى ئىستىخبارات خادىملىرىغا يوللايدىكەن.

لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن ئورگان تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە بۇنىڭ «پۈتۈنلەي ئويدۇرما، يامان غەرەزلىك تۆھمەت» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

بۇ خەۋەر 68 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2025 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق