
خىتاي بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ سودىگەرلەر يىغىنى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، چەت ئەلدىكى خىتاي سودىگەرلەردىن باشقا، يەنە خىتاي ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەرمۇ قاتناشقان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-، 18-نويابىر كۈنلىرى ئاتالمىش «2025-يىللىق شىنجاڭ سودىگەرلەر يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى 400 تىن ئارتۇق سودىگەر، شىركەت-كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.
خەۋەردە يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە يۇرتداشلار جەمئىيىتى»نىڭ باشلىقى ئابلەت مەمەتنىڭمۇ قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇۋاتقىنىغا 32 يىل بولغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھاۋا يولىنى ئېچىپ، تاۋارلارنى خەلقئارا بازارغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
18-نويابىر ئۈرۈمچىدە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ سودىگەرلەر ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سودىگەر چاقىرىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا ئومۇمىي سوممىسى 45 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان 20 ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالانغان. خەۋەردە بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقىنىڭ تەشكىللىك، قېلىپلاشقان تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشقا، بۇ ئارقىلىق زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، خىتايغا سادىقلىق بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە ماسلاشماقتا.