فىلىپپىندا ساختا سالاھىيەت بىلەن ھوقۇق ئىگىلىگەن خىتاي مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

فىلىپپىندىكى بىر سوت مەھكىمىسى بۇ ھەپتە بىر خىتاي پۇقراسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي ئىلگىرى فىلىپپىن پۇقراسى سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىپ، شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان ۋە قىمار، ئادەم ئەتكەسچىلىكى  قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، گو خۇاپىڭ ئىسىملىك 35 ياشلىق خىتاي ئايال ئىلگىرى ئەلىس گو ئىسمى بىلەن فىلىپپىن پۇقراسى سالاھىيىتىگە كىرىۋالغان ۋە كېيىنچە بامبان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان. ئۇ بۇ جەرياندا جىنايەت گۇرۇھى بىلەن شېرىكلىشىپ، تور قىمار مەركىزى قۇرغان. مەزكۇر قىمار مەركىزىنىڭ مەخسۇس بىناسى بار بولۇپ، بىر ۋىيېتناملىق ئىشچى قېچىپ چىقىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار بۇلتۇر 3-ئايدا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ئاختۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قىمار مەركىزىدە 700 دىن ئارتۇق فىلىپپىن، خىتاي، ۋىيېتنام قاتارلىق كۆپلىگەن ئاسىيا ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلانغان. گو خۇاپىڭ فىلىپپىندىن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، يېرىم يىلدىن كېيىن ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى بېكىتىپ، ئۇ ۋە باشقا يەتتە كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خىتايلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جىنايەت گۇرۇھلىرى، ئالدامچىلىق شايكىلىرى كۆپلەپ پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، زور دەرىجىدە كېڭەيگەن خەلقئارالىق جىنايەت تورى دۇنيانى چۆچۈتمەكتە. فىلىپپىن پىرېزىدېنتى بۇلتۇر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئاساسلىقى خىتايلارنىڭ بولغان، تۈرلۈك قەبىھ جىنايەتلەرگە چېتىلغان نەچچە يۈزلىگەن تور قىمار شىركىتىنى تاقىغان بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن ئالدامچىلىق مەركەزلىرىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 48 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2025 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق