ياپونىيە-خىتاي سۈركىلىشى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلىرى ۋە خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى دىپلوماتىنىڭ چەكتىن ئاشقان سۆزلىرى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان ياپونىيە-خىتاي سۈركىلىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ياپونىيەگە بېسىم چۈشۈرۈپ، ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرىنى سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا قىستاۋاتقان بولسىمۇ، ياپونىيە تەرەپنىڭ مەيدانىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمىدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدىكى سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار بولۇپ، خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە قول تىقىپ، خىتاينىڭ قىزىل سىزىقىغا چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى داۋراڭلىرىنى كۆپلەپ تەكرارلىدى.

نۆۋەتتە خىتاي ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن ياپونىيەدىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيەدىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان ۋە شۇنداقلا ياپونىيەدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشقا ئالاقىدار سۆھبەتنىمۇ توختاتقان. يېقىندا ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 16-نۆۋەتلىك خىتاي-ياپونىيە-كورىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى يىغىنىمۇ كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، كورېيە بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كانائى ماسائاكى 18-نويابىر بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ئەمەلدارى ليۇ جىنسۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ئەمەلدارى ئۇنى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىگەن.

نۆۋەتتە ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ مەيدانىدىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن. ياپونىيەدە خىتاينىڭ ئوساكا باش كونسۇلى شۆ جيەننىڭ پوپوزا خاراكتېرلىك چەكتىن ئاشقان بايانلىرىغا بولغان نارازىلىق ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. ياپونىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى خېئى سېكى پالاتا يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ خىتاي كونسۇلىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغان-چىقارمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بولسا ياپونىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، تۈنۈگۈن X ھېسابىدا ياپونىيەنىڭ ۋەكىللىك تامىقى بولغان سۇشىنى يەۋاتقان سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىدى. خىتاي باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قايتا دەۋا قىلدى.

بۇ خەۋەر 39 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2025 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق