
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسچىلىرى 20-نويابىر پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاينىڭ دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارشى «سىستېمىلىق ئېتىقاد ئۇرۇشى» قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يىغىندا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى سابىق ئالاھىدە ئەلچىسى سام بىروۋنبەك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سام بىروۋنبەك سۆزىدە خۇددى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزەلدىن رۇسىيەنىڭ زېمىنى بولمىغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭمۇ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ باقمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ يېڭى چېگراسى ئەمەسلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە «شىنجاڭ»نىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» كەلىمىسىنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جازا لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىگە قارشى قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاينىڭ دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سام بىروۋنبەك خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرىنى ئاددىي ھالدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ياكى يادرو قوراللىرىدىن بەكرەك، دىنىي ئەركىنلىكتىن قورقىدىغانلىقىنى، بۇ كۈرەشتە دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرى، خۇسۇسەن دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى. يىغىنغا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، پارلامېنتنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دان سۇلىۋان رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە، خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق دىنلارنى پارتىيە-دۆلەت سىستېمىسى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى كىرىس سىمىس خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاتېئىست بىر دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز كونتروللۇقىدا بولمىغان ھەرقانداق دىنىي ئېتىقادتىن قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ھەربىر پۇقرانىڭ قەلبى، مېڭىسى ۋە روھىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىرىستىيانلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىككى رەئىسى خىتاي رېجىمىنىڭ خىتايدا بارلىق دىنلارنى تولۇق كونترول قىلىش ئۈچۈن، «سىستېمىلىق ئۇرۇش»نى تېزلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.