
ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى تەيۋەنگە يېقىن بىر ئارىلىدىكى ھەربىي بازىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلىرى سەۋەبلىك، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى قاتتىق جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ياپونىيەگە قارشى ئارقىمۇ ئارقا تۈرلۈك بېسىم ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى. ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدىمۇ ئۆزگەرتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى شىنجىرو كوئىزۇمى 23-نويابىر تەيۋەنگە تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدىغان يوناگۇنى ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا، تاراتقۇلارغا بۇ ئارالغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى قايتا تەكىتلىگەن.
كوئىزۇمى ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي، ئەڭ مۇرەككەپ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بارلىق ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
كوئىزۇمى: «بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ياپونىيەنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. بۇنى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قاراش توغرا ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەنگە قوشنا ئارالغا ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورال ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى قەستەن جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش ۋە ھەربىي تىركىشىشنى قوزغىغانلىق بولىدىغانلىقىنى، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى بايانلىرىغا باغلىغاندا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ ياپونىيە مىلىتارىزمنىڭ قايتا تىرىلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.