ب د ت يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئەيىبلەندى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 15 دۆلەت ب د ت يىغىنىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر 15 دۆلەت 21-نويابىر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل جەمئىيەت، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى كومىتېتىدا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا: «ئىشەنچلىك دوكلاتلار خىتايدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قانۇنسىز ياكى خالىغانچە ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش ۋە دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنى چەكلەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە، خىرىستىيانلارغا، تىبەتلەرگە، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قارىتىلغان بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىش، قىيناش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق نىشانلىق باستۇرۇشلار قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، ژۇرنالىستلار، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارغا قارىتىلغان ۋە شۇنداقلا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلارنىڭ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى نامايان قىلىدىغانلىقى، بۇ دۇنياۋى تىنچلىق ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

15 دۆلەت خىتاينى پەقەت ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا چاقىردى.

بۇ ئورتاق بايانات يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدىمۇ تەپسىلىي ئېلان قىلىندى.

15 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدىن كېيىن، خىتاي رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ئىران، بېلارۇسىيە قاتارلىق 80 دىن ئارتۇق دۆلەتنى كۈشكۈرتۈپ، شۇ كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنىڭ سىياسىيلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى.

بۇ خەۋەر 59 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2025 13:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق