
تەيۋەن ھەققىدە سۈركىلىشلەر كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە شى جىنپىڭ تىرامپقا تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، تىرامپ سۆھبەت تېمىسىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بۇرىغان.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ 24-نويابىر كەچتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپقا ئۆزلۈكىدىن تېلېفون قىلىپ، تەيۋەن تېمىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردار شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت جەريانىدا شى جىنپىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە مەركەزلىشىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، تىرامپ تېمىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بۇرىغان. خىتاينىڭ بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان دىپلوماتىك ھەرىكىتى تاراتقۇلارنىڭ، ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈشنى باشتا تەلەپ قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تېلېفون سۆھبىتىدە تىرامپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ يەنە: «خىتاي ۋە ئامېرىكا بۇرۇن فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان. بۈگۈن بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.
ئەمما تىرامپ سۆھبەتتىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىمۇ، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىس ھەققىدىمۇ توختالمىدى.
تىرامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۈگۈن ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشىمۇ دىققەت قوزغىدى. ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ تېلېفوندا شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتى ھەققىدە توختالغان. باش ۋەزىر سانائې تاكائىچى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ زىچ ھەمكارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، تىرامپنىڭ ئۆزىنى ئەڭ يېقىن دوستى دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تەيۋەن مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. خىتاي تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ياپونىيەگە بېسىم چۈشۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە مەيدانىنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئالدىنقى جۈمە خىتاي يەنە ب د ت غا مەكتۇپ يوللاپ، ياپونىيە تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان تەقدىردە، خىتاينىڭ كەسكىن مۇداپىئە تەدبىرلىرى قوللىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.