
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىست يۈجەل تاناي خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلىپ يازغان ماقالىسىگە قارشى سۇنۇلغان ئەرز سەۋەبلىك، 20 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
تۈرك ژۇرنالىست، پائالىيەتچى يۈجەل تاناي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن خەۋەر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى. تۈركىيەدىكى خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان، تۈركىيە-خىتاي مۇھاجىر ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەۋلۇدە ئەزىز ئۇنى بىر ماقالىسى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان بولۇپ، بەش يىلغا سوزۇلغان سوتنىڭ نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان.
يۈجەل تاناينىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئەرز-شىكايەتكە ئاساسەن، يۈجەل تاناينى «ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، بىر يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ سوت قارارىنى 19-نويابىر تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئون كۈن ئىچىدە ئالاقىدار ئورۇنغا بېرىپ، جازانى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يۈجەل تاناي 2020-يىلىنىڭ باشلىرى توردا «خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى ‹خىتاي ئاياللار جەمئىيىتى›نىڭ رەئىسى مەۋلۇدە ئەزىز» ماۋزۇسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. تۈركىيە-خىتاي مۇھاجىر ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەۋلۇدە ئەزىز ئۇنىڭ ماقالىدە ئۆزىنى «خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى، خائىن، خىتاي جاسۇسى» دەپ ئاتىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، سوتقا ئەرز قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا يۈجەل تاناي بۇ ئەرز-شىكايەت ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بىۋاسىتە قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
نۆۋەتتە يۈجەل تاناينىڭ ئادۋوكاتلىرى جازانىڭ تۈرمە سىرتىدا نازارەت تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. يۈجەل تاناي ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە ئېيتقان سۆزىدە بۇ جازا قارارىنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇقەددەس بىر دەۋا ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئالاقىدار خەۋەر: https://www.istiqlalhaber.com/page/news/7077