ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ ئۈچ يىللىقى ئوت بىلەن خاتىرىلەندى

خىتاينىڭ بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوت كەتكەن بىر ئولتۇراق بىناسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يۇقۇم» باھانىسى سىرتقا چىقارغۇزماي، قەستەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە بۇ پاجىئەدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەندى.

2022-يىلى 24-نويابىر كەچتە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىپ، خىتاينىڭ قۇتقۇزۇشنى قەستەن كېچىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە، 50 كە يېقىن ئۇيغۇر پاجىئەلىك ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاتالمىش «نۆل يۇقۇم» سىياسىتى باھانىسى بىلەن بىنانىڭ ئىشىكى كەپشەرلەنگەن ۋە بىنانىڭ ئەتراپىنى قورشىۋەتكەن تۆمۈر رېشاتكىلار، توسۇقلار ئەسلىدىنلا قەستەن كېچىكىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ كىرىشىگە تېخىمۇ توسالغۇ بولغانىدى.

پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتكەن بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي رېجىمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بۇ يىلمۇ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق خاتىرىلىدى. جۈملىدىن گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى.

24-نويابىر كەچتە گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام شەھىرىنىڭ دام مەيدانىدا ئونلىغان پائالىيەتچى مەزكۇر پاجىئەنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خىتاي رېجىمىنىڭ يىمىرىلىشى، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش چاقىرىقلىرى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر نامايىشقا جازا لاگېرى شاھىتلىرى، بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلىرى قاتناشتى. ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارش قويۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئارقىدىن ئابدۇرېھىم غېنى بايانات ئېلان قىلىپ،  ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈردى ۋە 50 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىگە خىتاي رېجىمىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ بۇ ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم جازا لاگېرىدا شاھىت بولغان قەبىھ جىنايەتلەرنى بايان قىلىپ، خىتايغا قارشى كۈچلۈك غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى. نامايىشقا قاتناشقان خىتاي ئۆكتىچىلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان شى جىنپىڭ، چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نامايىشنىڭ ئاخىرىدا دام مەيدانىدا خىتاي بايرىقى ۋە شى جىنپىڭ، چېن چۈەنگونىڭ سۈرىتى كۆيدۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۈرلۈك شوئارلار توۋلاندى.

بۇ خەۋەر 50 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2025 00:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق