قىرغىزىستان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى قولغا ئالدى

قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىر خىتاي كانچىلىق شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە قىرغىز ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلارنىڭ جېدىلى سەۋەبلىك، يەرلىك خەلقنىڭ خىتايلارغا قارشى كەيپىياتى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە چىقىرىلغان بۇ قارار دىققەت قوزغىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بۇ ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، 20-نويابىر خىتاينىڭ كېمىن بايلىق گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ كان باشقۇرۇش جەريانىدا زور كۆلەمدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ھۆكۈمەتكە يالغان مەلۇمات يوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە غايەت زور مەبلەغ ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەسىرىنى، مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، ئىشچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، مۇھىم بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى، مۇھىت بۇلغىشى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغىماقتا ۋە زىددىيەتلەرگە سەۋەب بولماقتا.

ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-نويابىر قىرغىزىستاننىڭ چۈي رايونىدا قىرغىز ۋە خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك جېدەل يۈز بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، قىرغىزىستان تەۋەسىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات قوزغالغان.

بۇ ئەھۋال قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ خىتاي ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق خىزمەت ۋىزىسى بىلەن قىرغىزىستانغا كەلگەنلىكىنى، ۋىزا ۋاقتى توشقاندا دۆلەتتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى، ئايرىلمىغان تەقدىردە مەجبۇرىي قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن خىتاي شىركىتى ئەمەلدارىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى پۇقرالىرىدىن يەرلىك قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2025 19:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق