خىتاينىڭ ئەلىبابا قاتارلىق گىگانت شىركەتلىرى «قارا تىزىملىك»كە يېقىنلاشماقتا

 ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى بىلەن، خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە داۋاملىق سەزگۈر قاراۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەلىبابا، بەيدۇ، BYD قاتارلىق گىگانت شىركەتلىرىنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش شەپىلىرى كەلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەلىبابا گۇرۇھى، بەيدۇ ۋە BYD شىركەتلىرىنىڭ «خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىدىغان شىركەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن ئۇرۇش مىنىستىرى سىتېفېن فېينبېرگ پىرېزىدېنت تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتىن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن، يەنى 7-ئۆكتەبىردىكى خېتىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ ھۆكۈمنى ئۇقتۇرغان. ئۇ مەزكۇر ئۈچ گىگانت شىركەت ۋە باشقا بەش خىتاي شىركىتىنىڭ «H1260» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ «H1260» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن-كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئادەتتە مەزكۇر تىزىملىككە خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان، ئەمما ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەر كىرگۈزۈلىدىكەن.

گەرچە ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنى خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى دەرھال چەكلەشتىن دېرەك بەرمىسىمۇ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرىگە مەزكۇر شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئەلىبابا، بەيدۇ ۋە BYD شىركەتلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرۈش تەلىپىگە تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن ھەر يىلى يېڭىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغان «خىتاي ھەربىي شىركەتلىرى تىزىملىكى»نىڭ («H1260 تىزىملىكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇ يىل يانۋاردىكى ئەڭ يېڭى يېڭىلىنىشىدا يەنە 134 شىركەت كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ تېخنىكا ماگناتى تېڭشۈن ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىسى نىڭدې قاتارلىقلار بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 30 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2025 19:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق