ئۇيغۇر ئاكادېمىك قىلىچ بۇغرا قانات ئىستانبۇلدا لېكسىيە سۆزلىدى

 

28-نويابىر ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن يىگىرمە يىلى: تۆت كىرىزىستا ئامېرىكىنىڭ تارىخى» ناملىق لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىك قىلىچ بۇغرا قانات لېكسىيە سۆزلىدى.

مەزكۇر يىغىن ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسان ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى سىياسەت بىلىمى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئ‍ورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، لېكسىيە يىغىنىغا تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدا تونۇلغان ياش ئۇيغۇر ئاكادېمىك، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئورگىنى ئەزاسى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەقىل ئامبىرى بولغان سېتانىڭ ۋاشىنگىتون تەتقىقات مۇدىرى دوتسېنت دوكتور قىلىچ بۇغرا قانات ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. مەزكۇر يىغىنمۇ ئۇنىڭ يېقىندا چىقىدىغان «ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن يىگىرمە يىلى: تۆت كىرىزىستا ئامېرىكىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسمى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىن ئالدى بىلەن ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد جەۋاد ئاجارنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى. ئۇ سۆزىدە بۇ مۇھىم لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغان قىلىچ بۇغرا قاناتقا رەھمەت ئېيتتى ۋە بۈگۈنكى لېكسىيە ئارقىلىق دۇنيا سىياسىتىدە مەيلى سەلبىي، مەيلى ئىجابىي جەھەتتىن بولسۇن، ئەڭ ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان ئامېرىكىنى ئۇنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئاكادېمىكلىرىدىن بىرىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سىياسەت بىلىمى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئەرھان ئىچەنەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دوكتور قىلىچ بۇغرا قانات سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى.

دوكتور ئەرھان سۆز باشلاپ بۈگۈنكى لېكسىيەنىڭ ئەھمىيىتى، ئۆزىنىڭ قىلىچ بۇغرا قانات بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلىرى، شۇنداقلا قىلىچ بۇغرانىڭ تۈركىيە ئۈچۈن قانداق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغانلىقى ھەققىدە قىسقا سۆز قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى لېكسىيەنىڭ پەقەتلا ئامېرىكىنى چۈشىنىشكىلا مەركەزلەشمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور قىلىچ بۇغرا قانات لېكسىيەدە ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 20 يىلىغا مەركەزلەشكەن ئاساستا ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ چوڭ كىرىزىسلار، خەلقئارا سىياسەت، ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرى، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلاردا تەپسىلىي توختالدى.

ئارقىدىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن لېكسىيە ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 21 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2025 19:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق