خىتاي خاككېرلىرى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىگە ھۇجۇم قىلدى

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 270 مىڭ ئەسكەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلىنىپ كەتكەن.

ئەنگلىيە مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، 270 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، بانكا ھېساباتى، ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي خاككېرلىق گۇرۇپپىسى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتچى خادىملىرى ۋە بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائاش سىستېمىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، خىزمەتچىلەرگە يوللانماقچى بولغان ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان.

يېقىندىن بېرى خىتاي بىر نەچچە قېتىم ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ مائاشىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارقىتىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمى ئىنتايىن ئېغىر ۋەقە دەپ قارالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇرۇنقىدەكلا قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، بەلكى سىياسىي غەرەز بىلەن خىتايغا قارا سۈركەش ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1232 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2024 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق