پاكىستان: خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئافغانىستاندىكى تەشكىلات پىلانلىغان

پاكىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئافغانىستاننى بازا قىلغان تەشكىلاتنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان تەرەپ 7-مايدىكى باياناتىدا يېقىندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ، جۈملىدىن خىتاي ئىنژېنېرىنى نىشان قىلغان ئەجەللىك ماشىنا بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئافغانىستاننى بازا قىلغان قوراللىقلارنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پاكىستان ھەربىي باياناتچىسى ئەھمەد شەرىف نەق مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئەيىبلەپ: «گەرچە ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىگە قايتا-قايتا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ئاخىرقى ئىسپاتنى ئورتاقلاشقان بولساقمۇ، ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملار توختىتىلمىدى» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا: «ھۇجۇم ئافغانىستاندا پىلانلانغان بولۇپ، تېررورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىمۇ ئافغانىستاندىن كەلگەن. ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن ماشىنا ئافغانىستاندا تەييارلانغان، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىلار ئافغانىستان پۇقراسى» دېگەن.

باياناتچى يەنە پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مەسئۇل بىر قانچە ئافغانىستان پۇقراسىنى تۇتۇۋالغانلىقى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى (TTP) ئەزالىرىنىڭ ۋە باشقا قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 26-مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى. مىڭلىغان خىتاي ئىشچى يەرلىكتىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەردە ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ ۋەقە مەزكۇر خىتايلارغا قارشى قىلىنغان ئەجەللىك ھۇجۇم بولۇپ قالغانىدى.

ئوخشاش ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن باشقا ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پورت شەھىرى نىشانغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1333 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2024 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق