ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارى خىتاينى ئادىل رىقابەتكە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە خىتاينى ئادىل رىقابەتلىشىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينى ئادىل رىقابەتلىشىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون پارىژدا يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن: «بىز رىقابەتنىڭ چوقۇم ئادىل بولۇشى، بۇرمىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭغا نۆۋەتتىكى بازارغا كىرىشتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ سىجىل ئەمەسلىكىنى، بۇنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى قوشۇپ قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋون دېر لېيېن يېتەكچىلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى خىتايغا قارىتا نۇرغۇن رىقابەت مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىغان. خىتاي يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىدىكى ئادىل بولمىغان قىلمىشلىرى توغرىسىدا يولغا قويغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا بازىرىدىكى شامال ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە تەكشۈرۈشنى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى، توكلۇق ماشىنا ۋە موتوسىكلىت تولۇقلىمىسىغا مەركەزلەشتۈرگەن.

ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتتىكى خەتەرنى چىقىرىپ تاشلاش، خىتايدىن سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتاي تەمىنلىگۈچىلىرىگە تايىنىشنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى، ئەمما ئامېرىكىدەك مۇھىم رايونلاردىكى سودا ئېقىمىنى جازالىماسلىق ياكى چەكلەپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 941 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2024 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق