خىتاي ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنى چەكلەپ، خىتاي كارخانىچىلىرىنى يەرلەشتۈرمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالاپ چەتكە قېقىش، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كارخانىلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىش ئورنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ماي خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار قۇرغان تۆت يېمەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان. ئۇقتۇرۇشتا خوتەن شەھەرلىك چېۋەر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان «چېۋەر» ماركىلىق پېچىنە-پىرەنىك ئاتالمىش «چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن» دېگەن باھانە بىلەن، خوتەن مىنشۇ سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان جىگدە ھەسىلى «باكتېرىيە كولۇنسىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىك» باھانىسى بىلەن، خوتەن ناھىيەسىدىكى خىسلەت تەرەققىيات سودا چەكلىك شىركىتى، گۇما ناھىيەسىدىكى يېڭى نەزەر ياغ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان زاراڭزا يېغى «كىسلاتا مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن» دېگەن باھانە بىلەن «لاياقەتسىز مەھسۇلات» دەپ ئېلان قىلىنغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ماي خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 1- پەسىلدە شەرقىي تۈركىستانغا سىرتتىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 132 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سودا نازارىتىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 1351، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 132 مىليارد 924 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىچىدە، ئىلى ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ بىردەك 20 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ جەمئىي 65 مىليارد 544 مىليون يۈەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %49.3 ىنى ئىگىلىگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونىدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 82 مىليارد 26 مىليون يۈەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 50 مىليارد 898 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كارخانىچىلارنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالاپ، بارلىقىنى سەرپ قىلىپ تىكلىگەن ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلماقتا. بۇ خىل رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي سودىگەرلىرىنى ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن قوللاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. خىتايدا ئىشسىزلىق ئېغىر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىش ئورنى ھازىرلاپ، ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2719 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2024 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق