فىلىپپىن تەتقىقاتچىلىرى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ قامىلىدىن ئۆتۈپ تالاش-تارتىشلىق ئارالغا چىقتى

فىلىپپىن تەتقىقاتچىلىرى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قامىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق كىچىك ئارالغا چىققان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-مارت خىتابىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ھەربىي تىك ئۇچارلارنىڭ ياردىمى بىلەن، فىلىپپىننىڭ تەتقىقاتچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئىككى قۇم ئارىلىغا قاراپ مېڭىشىنى توسقان. ئەمما فىلىپپىن پاراخوتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتۈپ، قۇم ئارالغا چىقىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

خىتاي پاراخوتى توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، يېرىم سائەت گۈدۈك چالغان ۋە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىن ئالىملىرى يەنىلا ئارالغا چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قۇم ئارالغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. ئۇلار ئارالدا تۆت سائەت تۇرغان بولۇپ، دېڭىز ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلغان.

بۇ ۋەقە فىلىپپىن كونتروللۇقىدىكى تىتۇ ئارىلىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، فىلىپپىن بۇ ئارالنى «ساندى كاي»، خىتاي بولسا «تۆمۈر خادا تاش» دەپ ئاتاپ كەلگەن. خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىمۇ ئوخشاش بولمىغان.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەي تارىلا جۈمە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا فىلىپپىن دېڭىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قۇم ئارالدا تەتقىقاتىنى تۆت سائەت داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، «خەلق ئەسكەرلىرى» سىياقىدىكى ئون نەچچە خىتاي پاراخوتىنىڭ خىتاي ساقچى پاراخوتلىرىغا ياردەملىشىپ، قورشاۋ شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1870 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2024 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق