ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدىن ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت بىلەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دىڭ جياشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئەزالىرى 10-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دىڭ جياشىنىڭ تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇلارنى ناھەق قولغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمىنى ئۇلارنى تېزدىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم رىچ ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس كونس قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلغىنىغا سەككىز يىل بولغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار باياناتىدا: «ئەكبەر ئەسەت خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئىنسانىي ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئىچىدىن بىرى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز ھەمدە ئەكبەر ئەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھەق قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قوللىغان رەھبەرلىك پىروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، 2016-يىلى 4-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. خىتاي كېيىن ئۇنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1759 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2024 20:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق