ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىلمۇ روزا ھېيتنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلىگەن بولۇپ، 2-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلەشمە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.


ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى قاتارلىق كۆپلىگەن جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللەنگەن بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت ئابدۇغۇپۇر قارىھاجىمنىڭ مۇڭلۇق قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى. ئۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش، ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن سۆزىنى باشلىغاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ پەلەستىن مەسىلىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنىڭ ئايان بولغانلىقىنى، سالمىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، دەۋادا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، روزا ھېيتىنىڭ بىرلىك بايرىمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرلىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ھەر ئىشتا ئاللاھنى ئۇنتۇماسلىقى، ھەقىقىي مۇھاجىرلىق سۈپەت بىلەن ياشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ھېيتلىق سالىمىنى قاتناشقۇچىلارغا يەتكۈزدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پىتنە-ئىغۋالارنىڭ ئالدانماي بىرلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلى سالىھ سۆز قىلدى. ئۆ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈگۈنكىدەك جەم بولۇپ يىغىلىشىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەۋاتقان جىنايەتلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى، خەلقنىڭ تېخىمۇ بىرلىككە كېلىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قورقماس، پىداكار بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمۇد داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ھەرخىل ناملار بىلەن كۆپلىگەن جەمئىيەت، تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، پىداكارلىق كۆرسىتىش ۋە سەمىمىي بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئىمىنجان فىردەۋس سۆز قىلدى. ئۇ ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىسى بار ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇئا بىلەن بىرلىكتە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ياشلاردىن مۇھسىن ئۆزغازى «شەرقىي تۈركىستاندا بايرام سەھىرى» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئاللاھتىن ھەممەيلەننىڭ بىر ئاي تۇتقان روزىسىنى قوبۇل بولۇشىنى سورىدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆلىمالار ئىكەنلىكىنى، ئۆلىمالار خەلقنى قوزغىتىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى پەلەستىن خەلقىنىڭ تەسلىم بولمايدىغان روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن جاننى پىدا قىلالايدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز دەۋاسىدا جاسارەتلىك، پىداكار بولۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىپ بېرىلدى.







تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر
 رەجەپ

بۇ خەۋەر 2395 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2024 21:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق