خىتاينىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى ئالاھىدە تۆۋەن بولغان

ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاينىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئاران %4.6 بولغانلىقى، مارت ئېيىدا ئېكسپورتنىڭ يەنە چېكىنىپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 11-ئاپرېل ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يېقىندا خىتاي ئىقتىسادىدا بىر قىسىم مۇقىملىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېشىش نىسبىتى ئاران %4.6 بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سانلىق مەلۇمات بولۇپ، خىتاينىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي قوزغىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى تەييارلىغان يەنە بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئېكسپورتىنىڭ بۇ يىل 1-ئاي ۋە 2-ئايدا مۆلچەردىن ئاشقاندىن كېيىن، مارت ئېيىدا يەنە تارىيىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 90غا يېقىن ئىقتىسادشۇناسنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە مۆلچەرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇلار تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ئاساس قىلغان.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقىGDP  نىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %4.6 بولىدىكەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.2 بولۇپ، بۇ يىلقى رەسمىي نىشان تەخمىنەن %5 ئەتراپىدا ئىكەن. ئەمما ئىقتىسادشۇناسلار كېلەر يىلى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ ئاستا بولىدىغانلىقىنى،GDP  ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاران %4.4 بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

خىتاينىڭ GDP سى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى پەسىلدە %5.2 ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بۇلتۇر بىرىنچى پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ يىل 1-ئاي ۋە 2-ئايدا خىتاينىڭPMI  قىممىتى، پارچە سېتىش ۋە ئېكسپورتى مۆلچەردىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئىچكى قىيىنچىلىقلار يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1277 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2024 21:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق