ئۇيغۇر ماھىر ئەلشىر ئۆمەر رېكورتنى يەنە بۇزۇپ تاشلىدى

شەرقىىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر يۈگۈرۈش ماھىرى ئەلشىر ئۆمەر 10-ئاپرېل خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، 20 سېكۇنت 72 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن تەييارلىق مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپلا قالماي، ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتى ۋە خىتاي بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە ئەلشىر 20 سېكۇنت 72 دەقىقىلىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇ يەنە تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلار ئىچىدە 21 سېكۇنتلۇق نەتىجە دائىرىسىگە كىرگەن بىردىنبىر تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان. بۇ نەتىجە ئۇ بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاندا ياراتقان رېكورتىدىن 0.36 سېكۇنت تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لۇ شاڭبىن ئىسىملىك خىتاينىڭ 14 يىل ساقلاپ كەلگەن 20 سېكۇنت 74 دەقىقىلىق ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى (خىتاي بويىچە) بۇزۇپ تاشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2023-يىلى 5-ئايدا ئەلشىر خىتاي بويىچە U18 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 21 سېكۇنت 08 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ياراتقان. شۇ يىلى 11-ئايدا ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 45 سېكۇنت 71 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم خىتاي بويىچە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتى ۋە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىغان. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەلشىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئۆزى يېرىم ئاي بۇرۇن ياراتقان خىتاي بويىچە زال ئىچى ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىغان.

يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى ئەلشىر ئۆمەر 2006-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسىدا تۇغۇلغان. 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ B گۇرۇپپا 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە 49.73 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەشىق ئەترىتىگە قوبۇل قىلىنغان ۋە 200 مېتىرغا، 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مەشىق تۈرىگە قاتناشقان. ئەلشىرنىڭ نەتىجىسىدە ئالاھىدە ئىلگىرىلەش بولۇپ، خىتاي بويىچە 51-ئورۇندىن بىر سەكرەپلا خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2350 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2024 21:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق