خىتاي روزا ھېيتنىمۇ تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللاندى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەن خىتاي رېجىمى بۇ يىلمۇ روزا ھېيت كۈنىنى ساختا تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتتى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «روزا ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەنلىكى، بىللە تاماق يەپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، روزا ھېيتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقى» قاتارلىق يالغان سەھنە كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن.

خىتاي يەنە روزا ھېيت مەزگىلىگە ئۇدۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى تەتقىقات يىغىنى» ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پاكىستان، بەھرەين، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرىنى تەكلىپ قىلغان. يىغىندىن كېيىن روزا ھېيت كۈنى ئۇلارنى قەشقەرگە ئاپىرىپ، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى»دەك ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساختا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىپ، كۆز بويىغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا روزا ھېيت ئۈچۈن پەقەت بىر كۈن ئارام ئېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان، ئۈچ كۈندىن بىر ھەپتىگىچە دەم ئېلىش بېكىتىلگەن باشقا خىتاي بايراملىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان.

 

ئۇندىن باشقا، ھەتتا خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ تور بېتىدىمۇ رامىزان ئېيىغا ۋە روزا ھېيتقا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن ئېلان قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 2611 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2024 01:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق