قىرغىزىستاندا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى خاتىرىلەندى

قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايىتىدە 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقى خاتىرىلەندى.

پائالىيەتنى جالالئابادتا پائالىيەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە 1945-يىلى 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى خاتىرىلەنگەندىن باشقا، بارىن جىھادىي ھەرىكىتى ۋە شېھىتلەر خاتىرىلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى 1945-يىلى 8-ئاپرېل رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل دەل 79 يىل بولغان بىر كۈن.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈرەشچان روھىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان مىللىي ئارمىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن تۆككەن قانلىرى، ئەسكەر-قوماندانلىرى، شېھىت-غازىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. ئاخىردا شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 2085 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2024 01:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق