خىتاي ئىككى ئامېرىكا شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ ئىككى شىركىتىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى، بىر خىتاي پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشكە قاتناشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە 11-ئاپرېلدىن باشلاپ كىرگۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي جازا تىزىملىكىگە قوشقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەممىباب ئاتوم ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى شىركىتى ۋە ھەممىباب دېنامىك قۇرۇقلۇق سىستېمىسى شىركىتى ئىكەن. مەزكۇر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى كۆچمە مۈلۈك، مۇقىم مۈلۈك ۋە باشقا تۈرلۈك مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىلمەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1289 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2024 01:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق