ئامېرىكا فىلىپپىننى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھۇجۇمدىن قوغداشقا ۋەدە بەردى

ئامېرىكا فىلىپپىننى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقانداق ھۇجۇمدىن قوغداشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 11-ئاپرېل ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، ئەگەر فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدا ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، 11-ئاپرېل فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن خىتايغا ئىسمىنى تىلغا ئالماستىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

بايدېن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە فىلىپپىنغا قاراتقان مۇداپىئە ۋەدىلىرىنىڭ ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىن ئايروپىلانلىرى ياكى قوراللىق قىسىملىرىغا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ ئۆزئارا مۇداپىئە شەرتنامىنى قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ خەتەرلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش پىلانىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ تەيۋەن ۋە باشقا دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايغا تۆھمەت چاپلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

يېقىنقى ئايلاردا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جىددىيلەشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1467 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2024 01:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق