خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ چارلاش پاراخوتلىرى سېنكاكۇ ئارىلىدا ئۆزئارا تىركەشتى

خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چارلاش پاراخوتلىرى سېنكاكۇ ئارىلىدا ئۆزئارا تىركەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر پاراخوت ئەترىتى زېمىن داۋاسى قىلىپ، سېنكاكۇ ئارىلىدىكى دېڭىزدا داۋاملىق چارلاۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ياپونىيە بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى بارغانچە كۈچەيگەن.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تارقاتقان ئايرىم ئۇقتۇرۇشتا: «ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى» دېيىلگەن.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئارالغا خالىغانچە كىرىشىگە چېتىشلىق 10-قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن. ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان دېڭىزدا كۆپ قېتىم تىركىشىپ قالغان. ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا چارلاش كېمىلىرى ئەۋەتىپ، بىر-بىرىدىن رايوندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈمە كۈنىدىكى تىركىشىش ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن ئاقسارايدا ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىنغا بېسىم قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە باشلىقلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتى، شۇنداقلا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتلىرىدا، خىتاينىڭ قوراللىق مەجبۇرلاش ھەرىكىتى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تىنچ باشقۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، شەرقىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولسىز قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1196 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2024 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق