خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» باھانىسى بىلەن چېقىپ ئۆزگەرتىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 14-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تارتقان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي چېقىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى مەجبۇرىي چىقىلغان ئۆينىڭ ئەسلى كۆرۈنۈشى، چېقىلىۋاتقان پەيتلىرى، چېقىپ بولغاندىن كېيىنكى خارابىلىكلەر كۆرسىتىلگەن. مەجبۇرىي چېقىلغان ئۆيلەر ھەرخىل گۈزەل نەقىشلەر ۋە ئويمىلار بىلەن مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن، كۆركەم سىرلانغان بولۇپ، ئۆينىڭ سېلىنغىلى تېخى ئۇزاق بولمىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ھەتتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرىمۇ ئويما تۈۋرۈك بولۇپ، ئۆينىڭ تام ۋە تورۇس ۋە لىملىرىنىڭ بېشىغا نەقىش ئويۇلغان. مەزكۇر سىنلار خىتاي رېجىمىنىڭ يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىمۇ مەجبۇرىي چاققانلىقىنى، ئاتالمىش «كونا، ئاجىز ئۆيلەرنى يېڭىلاپ سېلىش» شوئارلىرىنىڭ پۈتۈنلەي باھانە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 49 مىڭ 662 يۈرۈش ئۆي ۋە رايوننى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى جەمئىي 1 مىليون 797 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش پىلانىدا 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىن ئىبارەت بەش شەھەردە نۇقتىلىق ئىجرا قىلىنغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يەنە بىر نەچچە سىندا بولسا، خىتاينىڭ قۇمۇل ۋە غۇلجىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى يەر ئىگىلىرىگە خەۋەرمۇ قىلىپ قويماستىن تارتىۋېلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا بېرىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلارنى سىنغا ئالغان، ئۆز دەردىنى ھېچقانداق يەرگە ئاڭلىتالمىغان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر ئايال بېشىغا ھەرقانداق بالا كېلىشىگە پەرۋامۇ قىلماستىن، خىتاينىڭ سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى دوۋيىندا «بۇ ناھەقچىلىككە ئىگە چىقىدىغانلار يوقمۇ» دەپ ئېچىنىشلىق نالە قىلغان.

بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن غۇلجا ناھىيە بايتوقاي كەنتى چىغلىق مازار كەنتىدىمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى رۇخسەتسىز تارتىۋېلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا بېرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ باستۇرۇشلىرى كۈنسېرى ئەسەبىيلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي ئاققۇنلىرىمۇ پەرۋاسىزلارچە ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىدىغان، «مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن، ئارقامدا خىتاي رېجىمى بار، سېنىڭ ئارقاڭدا كىم بار؟» دېگەن تەرزدە قاراپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيگەن. ئۆتكەن ئايدىمۇ شىۋىسىدىن ئاقسۇلۇق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال دەردلىك نالە قىلغان بىر سىن تارقالغان بولۇپ، بىر خىتاي ئاققۇننىڭ ئۇنىڭ ياڭاق دەرەخلىرىگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلامىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى كۆزدىن يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر-ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چېقىشقا باشلىغانىدى. تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ مەزكۇر رەزىل پىلانىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2651 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2024 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق