خىتاي جاسۇسلۇققا ئالاقىدار ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى

خىتاي يېقىندا جاسۇسلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دېلولاردىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى 15-ئاپرېل خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەربىي ئىشلار قانىلىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى جاسۇسلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە بىر تەيۋەن پۇقراسىمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان جاڭ شياڭبىن ئىسىملىك خىتاي ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەلۇم مىنىستىرلىقىدا تەرجىمان بولغان. ئۇ مەلۇم بىر دۆلەتتە تۇرغان مەزگىلىدە، شۇ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتچىسى بىلەن كۆرۈشكەن. قارشى تەرەپ جاڭ شياڭبىننىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلغاندىن باشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ خىزمەتچى قارشى تەرەپنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنى خادىمى بولۇپ، جاڭ شياڭبىن ساھىبجامال ھىيلىسى ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن جاسۇسلۇق قىلىشقا كۆندۈرۈلگەن ۋە كېيىنكى يىللاردا چەت ئەل ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق رولىنى ئويناشقا باشلىغان.

كېيىن جاڭ شياڭبىن ۋەقەنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىستېپا بەرگەن. ئۇ ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرى ئىدارىدىكى خىزمەت كومپيۇتېرى ۋە ئىچكى قىسىمدىن نۇرغۇن ھۆججەت ۋە ئۇچۇرلارنى مەخپىي كۆچۈرۈپ توپلىغان ۋە ئېلىپ كەتكەن. خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ شياڭبىننىڭ 5200 پارچە ھۆججەت ۋە ئۇچۇرنى مەخپىي ساقلىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 59 مۇتلەق مەخپىي ھۆججەت، 848 قاتتىق مەخپىي دەرىجىلىك ھۆججەت ۋە 541 مەخپىي ھۆججەت بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئون چوڭ جاسۇسلۇق دېلوسى ئارىسىدا مايكېل كوۋرىگ دېلوسى، مايكېل سىپاۋور دېلوسى، كەيشېڭ رۇڭيىڭ شىركىتى دېلوسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1058 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2024 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق