تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقلىرى سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن بىلەن ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس تېلېفوندا كۆرۈشتى.

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ھېيت مەزگىلىدە ئىبراھىم قالىنغا تېلېفون قىلىپ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.

ئىبراھىم قالىن بۇرنس بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئىبراھىم قالىن بۇرنس بىلەن سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت داۋامىدا غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرى، ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرى، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە غەززە خەلقىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 15-ئاپرېلغا قەدەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە خەلقىگە قاراتقان، چوڭ-كىچىك ئايرىماي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك، 33 مىڭ 729 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 76 مىڭ 371 كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1143 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2024 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق