ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنى تەكشۈرمەكچى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش بازىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى تەمىنلىگۈچىلەرگە يان باسىدىغان ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارىتا ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىشنى پىلانلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، فخفخبۇ تەكشۈرۈش 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ياۋروپادا خېرىدار چاقىرىشىغا چەكلىمە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياۋروپا شىركەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇچۇر توپلىنىدىكەن. تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، خىتاي بازىرىنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر تەڭپۇڭ سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنى خىتاي خېرىدارلىرىدىن باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تاقىۋەتكەن بولۇپ، ئاشكارا ھالدا خېرىدار چاقىرىش مەسىلىسىدە چەت ئەل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى كەمسىتىش قىلمىشى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1272 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2024 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق