خىتاي ھېيت مەزگىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ساختا مەيدان ياساپ، چەت ئەل زىيارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىشنى كۆپەيتمەكتە ۋە بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، قورچاق ئەمەلدار ئىلزات ئەخمەتجان 14-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى تەتقىقات يىغىنى»غا قاتناشقان چەت ئەللىك شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

ما شىڭرۈي زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مىللەت، دىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئەھۋالىغا ئالاقىدار يالغان بايانلار بىلەن تونۇشتۇرغان. ئۇ سۆزىدە: «بىز جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، بۇ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ-ئىناق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلىمەكتە» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆمىكى ئىچىدە شىۋېتسىيە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، مالدىۋې، پاكىستان، بەھرەين، شىۋېيتسارىيە، سىرىلانكا، تايلاند، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 15 تاراتقۇ ۋەكىلى، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى بار ئىكەن. ئۇلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ: «شىنجاڭدا ئىقتىساد گۈللىنىپتۇ، ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل ئىكەن، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ياشاۋېتىپتۇ، كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. تېررورىزم، ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ» دەپ بىلجىرلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، روزا ھېيت مەزگىلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى تەتقىقات يىغىنى» 8-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 21 دۆلەتتىن كەلگەن 26 تاراتقۇ ۋەكىلى قاتناشقان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، زور مەبلەغ سېلىپ يالغان تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1378 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2024 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق