ئامېرىكا خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى تەدبىر ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 16-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە كېمىسازلىق سانائىتىنى خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق ناتوغرا قىلمىشلىرىنىڭ زىيىنىدىن قوغداش ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. تەدبىرگە ئاساسەن خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىدىن ئېلىنىدىغان باج ئۈچ ھەسسە ئۆستۈرۈلگەندىن باشقا، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى يەنە خىتاينىڭ كېمىسازلىق كەسپىدىكى ئادالەتسىز قىلمىشلىرىنى تەكشۈرىدىكەن.

ئاقساراي ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت بايدېن پولات-تۆمۈرنى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تايانچ كۈچى ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشى، دەپ قارىغان. ئەمما پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن سانائىتىدىكى ئىشچىلار خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئېكسپورتى سەۋەبلىك زور خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى ۋە پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن سانائىتىگە غەيرىي بازار خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ زور مىقداردا كاربون قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان، تەننەرخى سۈنئىي يوسۇندا تۆۋەنلىتىلگەن مەھسۇلاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ئالدى بىلەن بايدېن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىغا خىتاي پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىننىڭ تاموژنا بېجى نىسبىتىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشقا بۇيرۇغان.

ئامېرىكا سودا قانۇنىنىڭ 301-ماددىسىغا ئاساسەن، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىننىڭ ئوتتۇرىچە تاموژنا بېجى %7.5 ئىكەن. خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن كەسپىگە قاراتقان سىياسىتى ۋە تولۇقلىمىسى نەتىجىسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ئەرزان باھالىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدىن باشقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلارمۇ خىتايغا پولات-تۆمۈر ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىق قىلماقتىكەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىنىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ساھەدىكى يۈز مىڭلىغان ئىش ئورنى تەھدىتكە ئۇچرىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1349 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2024 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق