4-ئايدا خىتايدىكى پۇل پاخاللىشىش تېخىمۇ تېزلەشتى

بۇ يىل 4-ئايدا خىتايدىكى پۇل پاخاللىشىش تېخىمۇ تېزلەشكەن بولۇپ، مال باھاسى ئۇدا ئۈچ ئاي ئۆرلىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئايدا خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى داۋاملىق تېزلەشكەن بولۇپ، 11-ماي ئېلان قىلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستېمال باھاسى ئۇدا ئۈچ ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئۆرلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ 4-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئانالىزچىلىرىنىڭ مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار %0.2 مۆلچەرلىگەن. شۇنداقلا 4-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى 3-ئايدىكى %0.1 تىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 4-ئايدا ئائىلە ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمما خىتايدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 تۆۋەنلىگەن. بۇ يۈزلىنىش 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىزچىل داۋاملاشماقتىكەن.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلقنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، سىياسەت سالمىقىنى ئاشۇرغان. ئەمما نەتىجە ئوخشاش بولغان.

خىتاي 2024-يىلى GDP نىڭ %5 ئەتراپىدا ئېشىشىنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن، دەپ قارالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1453 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2024 12:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق