ھەققىمىزدە

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاخبارات ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاخبارات ۋە مېدىيا ئورگىنى - «ئىستىقلال» 2008-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا، شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇر-مەلۇماتلار، قىممەتلىك پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى ۋە بۇ خىزمەت دائىرىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئىشەنچلىك، مۇھىم خەۋەرلەرنى، ئانالىزلارنى، سۆھبەت پىروگراممىلىرىنى سۇنۇپ كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاكادېمىكلار، تەشكىلاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر تۈرلۈك تېمىلاردىكى سۆھبەت پىروگراممىلىرىمىزغا قاتنىشىپ، خەلقىمىزنى قىممەتلىك پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە ئورگىنىمىز «شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا ئىستىقلال خەۋەر تورى ۋە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق، يازما خەۋەرلەر، مۇھىم خەۋەرلەر، كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك ۋىدىيو خەۋەرلىرى، ئايلىق ژۇرناللار، كارىكاتۇرلار ۋە تۈرلۈك تېمىلاردىكى سۆھبەت پىروگراممىلىرىنى ئاكتىپلىق ۋە ئىزچىللىق بىلەن خەلقىمىزگە تەقدىم قىلماقتا. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم سۇپا ۋە مەنبەگە ئايلانماقتا.

تور بەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىمىز:

http://istiqlalhaber.com
https://www.youtube.com/@Istiqlaltvuyghur
https://www.facebook.com/istiqlaltv.net
https://twitter.com/istiqlaltv1
https://www.instagram.com/istiqlaltv_uyghur/
https://t.me/istiqlalmedia

شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ۋە پىروگراممىلار ئۈچۈن، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ رەسمىي ۋاتسئەپ قانىلىغا ئەگىشىۋېلىڭ.
https://whatsapp.com/channel/0029VaCV0sv30LKUeiMeKq1z

ئىستىقلال ئورگان ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ! ئەپ دېتالىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا سۇنۇۋاتقان يازما خەۋەرلەر، كۈندىلىك خەۋەرلەر، ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ۋە باشقا سۆھبەت پىروگراممىلىرىمىزغا تېخىمۇ قولاي ۋە ۋاقتىدا ئېرىشەلەيسىز.


ئاندىرويىد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://play.google.com/store/apps/details?id=com.istiqlalhaber.app&pcampaignid=web_share

ئالما نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://apps.apple.com/tr/app/istiqlal/id6465692350?l=tr