ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 11 چوڭ كىرىزىس

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 11 چوڭ كىرىزىس

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 11 چوڭ كىرىزىس

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى توماس جېففېرسون (1743-1826) 1802-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىگە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى كونسۇلخانىسىنى ئاچىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1830-يىلى ئىمزالانغان «سەيىر-سەفائىن شەرتنامىسى»دىن كېيىن باشلىنىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1922-يىلى 11-ئايدىن 1923-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. سەككىز ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرى قۇرۇلماقچى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى باشلىنىپ، 1927-يىلىغىچە نورماللىشىدۇ.

1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى باشلىنىدۇ. 1947-يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى غەرب دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىيەدىن زېمىن تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۈركىيە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى تەرەپتە تۇرۇپ، 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە داۋاملاشقان شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. تۈركىيە بۇ جەرياندا 1952-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1954-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا تۈركىيەدىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى بېرىدۇ. بۇ ھەربىي بازا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن 1990-يىلى يۈز بەرگەن 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ۋە 2003-يىلى باشلانغان ئىراق ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 55 كېلىشىمنامە ئىمزالىنىدۇ. 1969-يىلى 3-ئىيۇل «بىرلەشمە مۇداپىئە ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ كېلىشىمنامىلەر بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

بىز ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى جەريانىغا قىسقىچە كۆز يۈگۈرتكەن بولدۇق. ئەمدى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە يۈز بەرگەن 11 چوڭ دىپلوماتىك كىرىزىس ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. كۇبادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى

1962-يىلى ئامېرىكىنىڭ U-2 تىپلىق جاسۇسلۇق ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۇباغا مەخپىي ئورۇنلاشتۇرغان، يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سېزىپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىپ كېتىش توغرىلىق بېسىم ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر كىرىزىس يۈز بېرىدۇ. كېيىنچە بۇ كىرىزىسقا تۈركىيەمۇ سۆرەپ كىرىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ كۇبادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىتالىيەدىكى يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىپ كېتىش شەرتىنى قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا تۈركىيەدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خەۋەر قىلماي ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

2. خەت كىرىزىسى

1964-يىلى 5-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ 36- نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى جونسون شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئىسمەت ئىنۆنۈگە بىر پارچە خەت يازىدۇ. بۇ خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدا: ئەگەر تۈركىيە ئامېرىكىغا مەسلىھەت سالماي تۇرۇپ (ياكى تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ)، سىپرۇس (قىبرىس)قا ئەسكەر ئەۋەتسە، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىدۇ، دېيىلگەن. ئىسمەت ئىنۆنۈ بولسا: «يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇلىدۇ، تۈركىيە ئۇ دۇنيانىڭ ئىچىدە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تۈركىيەنىڭ سابىق ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى فارۇق لوغئوغلى بولسا؛ «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇ خەتكە: بىز يېنىڭلاردا بولمايمىز، قارشىڭلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆرىسىلەر، دەپ جاۋاب بەرگەن» دەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇشقا باشلىغان.

3. كۆكنار كىرىزىسى

1974-يىلى تۈركىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجىۋىت تۈركىيەدە كۆكنار تېرىشنى يولغا قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە چەككۈچىلەر ئەۋج ئالغان يىللار بولغاچقا، ئامېرىكا تۈركىيەگە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدە تۈركىيە 1971-يىلى كەندىر تېرىشنى تامامەن چەكلىگەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا تۈركىيەنى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتمىگەن. تۈركىيە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ يىل ساقلاپ بېقىپ، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن كۆكنار تېرىشنى قايتىدىن يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. كېيىن بۇ كىرىزىس ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك  مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈلمىگەن ئاساستا ھەل قىلىنىدۇ.

4. ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش كىرىزىسى 

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئادانا ۋىلايىتىدىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي بازىلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇڭا بۇ بازا ئامېرىكا-تۈركىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە تۈركىيەنىڭ قولىدىكى مۇھىم كوزىرلاردىن بىرى ئىدى. تۈركىيە 1974-يىلى سىپروسقا رەسمىي ھالدا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تۈركىيەگە قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەربىي بازىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئامېرىكا 1978-يىلى تۈركىيەگە يۈرگۈزگەن قورال ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. تۈركىيەمۇ ئامېرىكىغا ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللىشىدۇ.

5. رۇخسەت قارارى كىرىزىسى

2003-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا تۈركىيە زېمىنى ئارقىلىق بېسىپ كىرمەكچى بولىدۇ. تۈركىيە پارلامېنتى بولسا 2003-يىلى 1-مارت ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويىدۇ. بۇ جەرياندا ئامېرىكا: تۈركىيە پارلامېنتى بۇ قارارنى تەستىقلايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئاق دېڭىزغا كېلىپ، قارارنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەلىپى تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن ئامېرىكا ئىراققا سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەت چېگراسىدىن كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

6. قارا خالتا كىيدۈرۈش كىرىزىسى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، 2003-يىلى 4-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسىنى قوغدايدىغان ئالاھىدە قىسمى ئورۇنلاشقان گازارمىغا بېسىپ كىرىپ، ئون نەچچە تۈركىيە ئەسكىرىنى ئەسىر ئېلىپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ تۇتۇپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

7. ۋىزا كىرىزىسى

2017-يىلى 8-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەتىن توپۇز دېگەن كىشىنى جاسۇسلۇق جىنايىتى سەۋەبلىك قولغا ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى مۇددەتسىز توختىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەمۇ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى مۇددەتسىز توختىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى دۆلەتتىكى ھېچقانداق ئىشقا چېتىشلىقى بولمىغان نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرانىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇ كىرىزىس 2017-يىلى 28-دېكابىرغا كەلگەندە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

8. ئاندرۇ بىرۇنسون كىرىزىسى

ئاندرۇ بىرۇنسون 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئامېرىكىلىق بىر پوپ ئىدى. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ باشچىلىقىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ ۋەقە تۈركىيە تارىخىدا «15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتالدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئاندرۇ بىرۇنسون تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ كۈچنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئادەم، دەپ قولغا ئېلىندى. چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش رەسمىيەتلىرى ئىشلىنىۋاتقاندا، 2016-يىلى 9-دېكابىر بۇ ئادەمنىڭ تۈركىيەگە قارشى PKK قاتارلىق كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى... قاتارلىق جىنايەتلىرى يوشۇرۇن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى بىلەن ئاشكارىلاندى. ئاندرۇ بىرۇنسون شۇنىڭدىن كېيىن قايتا قولغا ئېلىنىپ، جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن 35 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش ئالدىدا، ئامېرىكا بۇ ئادەمنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. رەجەپ تاييىب ئەردوغان بولسا: «بولىدۇ، بۇ پوپنى قايتۇرۇپ بېرەيلى، سىلەرمۇ ئامېرىكىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دەپ شەرت قويدى. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتتى. بۇ كىرىزىس كەسكىن ۋە ئېغىر داۋاملاشتى. تۈركىيە بۇ پوپنى 2018-يىلى 12-ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

9.  S-400كىرىزىسى

تۈركىيە 2019-يىلى رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋالىدۇ. رۇسىيە بولسا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارشىسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇ قورالنى سېتىۋېلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. تۈركىيە بولسا: بۇ قورالنى گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سېتىۋالسا بولىدۇ، بىز سېتىۋالساق نېمىشقا بولمايدۇ، دەپ قارشى چىقىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ ھەم تەسىرى ئېغىر بولىدۇ.

10. F-35 بومباردىمانچى ئايروپىلان كىرىزىسى

ئامېرىكىنىڭ F-35 تىپلىق ئايروپىلانى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان، كۆرۈنمەس ئىقتىدارغا ئىگە ئالاھىدە كۆپ ئىقتىدارلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان بولۇپ، 2006-يىلى ئىشلەنگەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرى ئامېرىكا باشلىق بىر نەچچە دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ بار ئىدى. تۈركىيە بۇ ئايروپىلاندىن تۆتنى سېتىۋېلىشقا پۈتۈشكەن بولۇپ، پۇلىنى ئالدىن تۆلىگەن. توختامنامىدە بۇ ئايروپىلانلار تۈركىيەگە 2019- ۋە 2020-يىلى تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان بولغان. ئەمما تۈركىيە 2019-يىلى رۇسىيەدىنS-400  باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تۈركىيەگە بۇ ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ھەمدە تۈركىيەنى بۇ ئايروپىلاننى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئايروپىلانلار ئۈچۈن تۆلىگەن بىر مىليارد 400 مىليون دوللارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەكتە.

11. ئامېرىكىنىڭ كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە ياردەم قىلىش كىرىزىسى

سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. سۇرىيەدىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلار ئىچىدە كۇرد مىللىتىنىڭ تۈركىيەگە قارشى، قىسقارتىپ  PYDۋە YPG دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىق گۇرۇپپىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئامېرىكا بۇ گۇرۇپپىلارنى قوللاپ، داۋاملىق ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. تۈركىيە بولسا ئامېرىكىغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ PYD ۋە YPG دەپ ئاتالغان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا 2019-يىلى 7-ئۆكتەبىرگىچە تەمىنلىگەن، قورال-ياراغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ياردەملىرى 30 مىڭ كونتېينېرغا يەتكەن (بىر كونتېينىر 40 توننا). بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر كىرىزىسنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسلاردىن S-400 كىرىزىسى، F-35 بومباردىمانچى ئايروپىلان كىرىزىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ كۇرد قوراللىق گۇرۇپپىلىرىغا ياردەم قىلىش كىرىزىسى قاتارلىق كىرىزىسلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق